يالغانچىلار

2015-03-02 11:49:20 -0500
يالغانچىلار

نەگىلا باسسۇن ئاياق يالغانچىلار،
ئىزىدىن ئۈنگەي شىۋاق يالغانچىلار،
مەنپەئىتى يۇقمىغاي، بولسىمۇ گەر-
قولىدا ئالتۇن تاۋاق، يالغانچىلار.
ھەقنى پەردازلاپ،ئېغىزنى ئۈپرىتىپ،
بەرگۈسى رەڭدار بوياق، يالغانچىلار.
ماڭسا گەر ئۇزۇن سەپەرگە ئات مىنىپ،
ئاخىرى قالغاي ياياق، يالغانچىلار.
زەن سېلىپ باقساڭ ئۇنىڭ چېھرى خۇنۈك،
كۆزىنى باسقان چاپاق، يالغانچىلار.
بىر ئۈمىدسىزلىك چۆلىدە قاغجىرار،
ئۇچرىسا دەپ بىر شاپاق، يالغانچىلار.
تىڭشىغاي نەدە ھەقىقەت ئۈنى بار،
زەن سېلىپ ئۇزۇن قۇلاق، يالغانچىلار.
ھەقنى باتىلغا ھامان ئارىلاشتۇرۇپ،
تاپقىنى زەررە ئۇۋاق، يالغانچىلار.
تىنچ-ئامانلىق تۇغىنى غۇلاتمىسا،
ئۇيقۇغا يوق ئىشتىياق، يالغانچىلار.
جەڭ-جىدەلدىن قارا كۆڭلى شاتلىنىپ،
ئېغىزى بولغاي يالاق، يالغانچىلار.
ئاشۇلارنىڭ قەستىدىن چىن سۆيگۈمۇ-
قەدرى يوق بولغاي قۇراق، يالغانچىلار.
بىر مىنۇتلۇق شادلىقىغا تېگىشەر،
ياشقا تولسا مىڭ چاناق، يالغانچىلار.
قارىساڭ، مەككارۇ -كاززاپ ئۈلپىتى،
تېرىغاي كۈندە چاتاق، يالغانچىلار.
دائىما بۇرنىغا يەپ تۇرسىمۇ گەر،
ئۆزىدىن ئالماس ساۋاق، يالغانچىلار.
گەر قەدەم ئالسا ئېكىنغا،شۇ زامان-
قۇرىغاي زەم-زەم بۇلاق، يالغانچىلار.
تىلىگىن دائىم مۇھەممەت تەڭرىدىن،
بولسۇنا سەندىن يىراق،يالغانچىلار!
«Newer      Older»

Back to home

Subscribe | Register | Login | N